شىۋېتسىيەدە مۇساپىر بالىلار تۇرۇۋاتقان بىر بىناغا ئوت كەتتى

شىۋېتسىيەنىڭ شىمالىغا جايلاشقان بودېن شەھىرىدە مۇساپىر بالىلار ۋە ياشلار تۇرىدىغان بىر بىناغا ئوت كەتتى.

350428
شىۋېتسىيەدە مۇساپىر بالىلار تۇرۇۋاتقان بىر بىناغا ئوت كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەھەر ۋاقتىدا مەيدانغا كەلگەن ئوت ئاپىتىدە زەھەرلەنگەن 4 كىشى بالنىستقا ئېلىندى. ساقچىلار دەسلەپتە دىققىتىنى ۋەقەنىڭ ئوت قويۇۋېتىش جىنايىتى بولۇش ئېھتىماللىقىغا مەركەزلەشتۈرگەن بولسىمۇ، كېيىنچە ئوتنىڭ بىنانىڭ ئىچىدىكى بىر ياتاقتا باشلانغانلىقى ئېنىقلاندى.

ئالاقىدار ئەمەلدارلار سىرتتىن كۆيدۈرگۈچى بىر نەرسىنىڭ ئېتىلمىغانلىقىنىڭ ۋەقەنىڭ قازا ئىكەنلىكى قارىشىنى كۈچەيتكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

ۋەقە يۈز بەرگەندە بىنادا 14 ياش بىلەن 18 ياش ئارىلىقىدىكى 38 كىشىنىڭ بارلىقى ئېلان قىلىندى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر