كۆچمەن كىرىزىسى شەنگەن ۋىزىسىنى خەۋپكە ئىتتىرمەكتە

ياۋروپادا شەنگەن (ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر ئارىسىدىكى ئەركىن ساياھەت قىلىش كېلىشىمىگە تەرەپ بولغان دۆلەتلەر) ۋىزىسى ئاستا – ئاستا ئەمەلدىن قېلىش تەرەپكە يۈزلەنمەكتە.

350415
كۆچمەن كىرىزىسى شەنگەن ۋىزىسىنى خەۋپكە ئىتتىرمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپادا شەنگەن (ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر ئارىسىدىكى ئەركىن ساياھەت قىلىش كېلىشىمىگە تەرەپ بولغان دۆلەتلەر) ۋىزىسى ئاستا – ئاستا ئەمەلدىن قېلىش تەرەپكە يۈزلەنمەكتە.

بۇنىڭدىن ئىلگىرى سېربىيە چېگراسىنى تىغلىق سىملار بىلەن چىتلىغان ۋىنگېرىيە، بۇ قېتىم رومىنىيە چېگراسىنىڭ بىر قىسمىنى تىغلىق سىم بىلەن چىتلاشنى پىلانلىماقتا. بۇنىڭدىن باشقا ۋىنگېرىيە بۈگۈن يېرىم كېچىدىن باشلاپ سېربىيە چېگراسىدا ئۆتكۈنچى كونترول سىياسىتىنى يولغا قويدى. سېربىيە تەرەپتىكى كۆچمەنلەرنىڭ گاڭگىراش ئىچىدىكى كۈتۈشى داۋام قىلماقتا.

سېربىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى بۇ ئەھۋاللار مەيدانغا كەلگەندىن كېيىن چېگراغا بېرىپ، مۇساپىرلارغا ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ۋىنگېرىيەلىك ئالاقىدار ئەمەلدارلار بىلەن مەسىلىنى ھەل قىلىش يوللىرى توغرىسىدا مۇزاكىرە ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

كۆچمەن كىرىزىسى تۈپەيلى ۋىنگېرىيە چېگراسىدا سودا ئاپتوموبىللىرىنىڭ ئۆتۈشىمۇ توسالغۇغا ئۇچرىدى. سېربىيە تەرەپتە يۈزلەرچە يۈك ئاپتوموبىلى ئۇزۇن ئۈچرەت شەكىللەندۈردى.

يەنە بىر تەرەپتىن، چېك جۇمھۇرىيىتىمۇ مۇساپىرلارغا قارشى چېگراغا ئەسكەر ئورۇنلاشتۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. ئاۋستىرىيەلىك ئەمەلدارلار بولسا، 16- سېنتەبىردىن باشلاپ ۋىنگېرىيە، ئىتالىيە، سلوۋاكىيە ۋە سلوۋېنىيە چېگرالىرىدا ۋاقىتلىق تەكشۈرۈش سىياسىتىنى يولغا قويىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر