ئامېرىكىدىكى تۈركلەر تېررورىزمغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى

ئامېرىكىنىڭ نىيۇيورك شەھىرىدە تۈرك ئامېرىكا جەمئىيەتلىرى فېدراتسىەيسى باشچىلىقىدا تېررورىزمغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.

387365
ئامېرىكىدىكى تۈركلەر تېررورىزمغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكىنىڭ نىيۇيورك شەھىرىدە تۈركىيەدە ساقچى ۋە ئەسكەرلەرگە قىلىنغان تېررورلۇق ھۇجۇملىرىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈش ۋە خەلقنى ئىتتىپاقلىققا چاقىرىش ئۈچۈن نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.
تۈرك ئامېرىكا جەمئىيەتلىرى فېدراتسىيەسى باشچىلىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشقا قاتناشقان تۈركلەر تېررورىزمغا قەتئىي قارشى ئىكەنلىكلىرىنى ۋە تېررورىزمغا قارشى كۈرەشلەردە تۈركىيەنى ئاداققىچە قوللايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈشتى. بۇ قېتىمقى نامايىش «شېھىتلىرىمىزنى ئەسلەش ۋە تېررورىزمغا لەنەت ياغدۇرۇش» دېگەن نام ئاستىدا ئۆتكۈزۈلدى.
ئوخشىمىغان سىياسىي قاراشلارغا ئىگە كىشىلەر ۋە ھۆكۈمەت ۋەكىللىرىمۇ قاتناشقان نامايىش، شېھىتلارغا ھۆرمەت بىلدۈرۈش ۋە ئىستىقلال مارشىنى ئوقۇش بىلەن باشلىدى.
تۈرك ئامېرىكا جەمئىيەتلىرى فېدراتسىيەسى باشلىقى ئاتىللا پاك تېررورىزىمنى قاتتىق ئەيىبلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «تېررورنىڭ يىلتىزىدىن قۇرۇتۇپ تاشلىنىشىنى ۋە دۆلىتىمىزدە تىنچلىق بەرپا بولۇشىنى چىن قەلبىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. تېررورلۇق قىلمىشلىرى سادىر بولىۋاتقان بۇ ھالقىلىق كۈنلەردە بىزگە ئوخشاش ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ زىممىسىگە زور ۋەزىپىلەر يۈكلىنىدۇ، مۇشۇنداق قىيىن كۈنلەردە دۆلىتىمىز ۋە تېررورىزمغا قارشى جەسۇرلارچە كۈرەش قىلىۋاتقان بىخەتەرلىك كۈچلىرىمىزنى يېقىندىن قوللىشىمىز كېرەك.» نامايىش شېھىتلەرنىڭ روھىغا ئاتاپ دۇئا قىلىش بىلەن ئاخىرلاشتى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر