سانتىياگو ساقچىلار بىلەن نامايىشچىلارنىڭ توقۇنۇشىغا سەھنە بولدى

چىلىدا ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىشنىڭ 42- يىلىغا قەدەم قويغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى.

387323
سانتىياگو ساقچىلار بىلەن نامايىشچىلارنىڭ توقۇنۇشىغا سەھنە بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: چىلىنىڭ پايتەختى سانتىياگودا ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىشنىڭ 42- يىلىغا قەدەم قويغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشتا ساقچىلار نامايىشچىلار ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەردى.

چىلىنىڭ پايتەختى سانتىياگودا يۈزلەرچە كىشى 17 يىل داۋاملاشقان ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىشنىڭ 42- يىلغا قەدەم قويغان كۈنىدە نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزدى. نامايىشچىلار ئۆزلىرىگە مۇداخىلە قىلغان ساقچىلار بىلەن توقۇنۇشتى.

نامايىشچىلار ساقچىلارغا تاش ئاتتى، ساقچىلار نامايىشچىلارغا يۇقىرى بېسىملىق سۇ ۋە ياش ئاققۇزۇش گازى ئىشلىتىپ مۇداخىلە قىلدى، ۋەقەدە نۇرغۇن ئادەم يارىلاندى.

چىلىدا 1973- يىلى گېنېرال پىنوشې رەھبەرلىكىدە ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغىلىپ، 40 مىڭ ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغانىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر