سۈرىيەدە ئىچكى ئۇرۇش داۋاملىشىۋاتىدۇ

سۈرىيە قوزغىلاڭچىلىرى ھىزبۇللاھنىڭ 18 ئەسكىرى ۋە بەششار ئەسەدنىڭ 11 ئەسكىرىنى ئېتىپ ئۆلتۈردى.

344179
سۈرىيەدە ئىچكى ئۇرۇش داۋاملىشىۋاتىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيە قوزغىلاڭچىلىرى پايتەخت دەمەشىقنىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان لىۋان چېگراسىدىكى زەبەدانى ناھىيەسىدە 18 ھىزبۇللاھ ئەزاسى، 11 بەششار ئەسەد ئەسكىرى بولۇپ، جەمئىي 29 ئادەمنى ئۆلتۈردى.
قوزغىلاڭچىلار بىلەن ھىزبۇللاھنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن بەششار ئەسەد كۈچلىرى ئارىسىدا شىددەتلىك ئۇرۇشلار يۈز بەرگەن جەبەل شاركى رايونى تانكا، زەمبىرەك ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار بىلەن بومباردىمان قىلىندى.
قوزغىلاڭچىلارنىڭ لىۋان ئارقىلىق كىرگۈزگەن ھەربىي ئەشىيالارنى زەبەدانىدىن دەمەشىق ھەمدە سۈرىيەنىڭ ئىچكى قىسىملىرىغا يەتكۈزگەنلىكى؛ بەششار ئەسەد قىسىملىرى بىلەن ھىزبۇللاھ قوراللىق كۈچلىرىنىڭ بۇنىڭغا توسقۇنلۇق قىلىش ئۈچۈن زەبەدانىغا ھۇجۇم قىلغانلىقى ئەسكەرتىلدى.
بەششار بەسەد قىسىملىرىنىڭ ھۇجۇمىغا جاۋاب قايتۇرغان قوزغىلاڭچىلار ئىدلىب ساھىللىرىغا جايلاشقان ۋە نوپۇسىنىڭ كۆپ قىسمىنى شىئەلەر ئىگىلەيدىغان فۇئا ۋە كافرايا يېزىلىرىغا ئېغىر تىپلىق قوراللار بىلەن ھۇجۇم قىلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر