دائېش ئالتە ئادەمنى ئۆلتۈرۈۋەتتى

تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش (ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتى، ئى ش ئى د) ئىراقنىڭ مۇسۇل شەھىرىدە 2014 – يىلى تۇتۇپ كەتكەن ئالتە ئادەمنى ئۆلتۈرۈۋەتتى.

377862
دائېش ئالتە ئادەمنى ئۆلتۈرۈۋەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراقلىق سىياسىي پائالىيەتچى زېنۇن مۇھسىن ئەلبىجارى مۇسۇلغا قاراشلىق ئەلبېج يېزىسىنىڭ سابىق ساقچى باشلىقى فايسال ئەلمەتيۇتى، سىنجار ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا مەسئۇل سابىق ئەمەلدارى دۇرزى ئەلمەتيۇتى، ئىراق ئارمىيەسىنىڭ سابىق ئوفىتسېرى فەللاھ ئەلمەتيۇتى، نىنوۋا ۋىلايەتلىك پارلامېنتى كېڭىشىنىڭ سابىق ئەزاسى مۇھەممەد ھاسان ئەلمەتيۇتى ۋە ئۆتكەنكى يەرلىك سايلاملارغا نامزات بولۇپ سايلىنالمىغان ئىككى ئادەمنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ سايلاملاردا نامزات بولغان ئىككى ئادەمنىڭ ئىسمىنى ھازىرچە بىلەلمىگەنلىكىنى، ئۆلتۈرۈلگەن بۇ كىشىلەرنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن دۆلەت ئۈچۈن ئىشلىمەيدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەرگەن بولۇشىغا قارىماي ئۆلتۈرۈۋېتىلگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.
ئىراق دائىرىلىرى بۇ مەسىلىگە مۇناسىۋەتلىك ھېچقانداق بايانات ئېلان قىلمىدى.
يەنە بىر تەرەپتىن، ئىراق ئارمىيەسىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، خەلقئارالىق بىرلەشمە قىسىم ئايروپىلانلىرىنىڭ رامادىدە دائېش نۇقتىلىرىنى بومباردىمان قىلغانلىقىنى قەيت قىلىندى. باياناتتا، رامادىنىڭ مەلاب رايونىدا دائېشنىڭ قوماندانلىق مەركىزىي بىلەن بىر بىنانىڭ ۋەيران قىلىنغانلىقى ئەسكەرتىلدى.
تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ 2014 – يىلى 10 – ئىيۇن مۇسۇلنى قولغا كىرگۈزۈشى بىلەن باشلانغان ئىچكى ئۇرۇش، ئىراقنىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىدە داۋاملاشماقتا.
ئىراق ئارمىيەسى بىلەن پەشمەرگە (شىمالىي ئىراق رايونلۇق قوراللىق قىسىم) دائېشنىڭ قولىدىكى رايونلارنى قايتۇرۇۋېلىش ئۈچۈن توختىماستىن ھەربىي ھەرىكەتلەرنى داۋاملاشتۇرماقتا. ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى بىرلەشمە قىسىم بولسا، ھاۋادىن ئىراق ئارمىيەسىگە ياردەم بەرمەكتە.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر