ۋېنگىرىيە مۇساپىرلار مەسىلىسىگە ئارمىيە ئارقىلىق تاقابىل تۇرىدۇ
ۋېنگىرىيە مۇساپىرلارنىڭ سېربىيە چېگراسى ئارقىلىق تەۋەلىكىگە ئۆتۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئارمىيەنى ھەرىكەتكە ئۆتكۈزۈشنى پىلانلىماقتا.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش مىنىستىر ۋىكتور ئورباننىڭ بۇ ھەقتىكى تەكلىپى 15- سېنتەبىردە پارلامېنتنىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتكەن تەقدىردە، چېگرا بويىدا ساقچىلار بىلەن بىرلىكتە ئەسكەرلەرمۇ ۋەزىپە ئۆتەيدۇ.
ئوربان يەنە سېربىيە چېگراسى بويىچە 3 ئۆتۈش رايونى قۇرۇشنى مەزمۇن قىلغان قانۇنلارنى پارلامېنتنىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتكۈزدى.
ئىيۇل ئېيىدا سېربىيە ئارقىلىق كىرگەن مۇساپىرلار ئۈچۈن بىخەتەر رايون ئېلان قىلغان بۇداپېشت، يېڭى قانۇننىڭ سايىسىدە مۇساپىرلارنى ئۆتۈش رايونىغا توپلاپ، سېربىيەگە قايتۇرۇۋېتىشنىڭ زېمىنىنى ھازىرلىغان بولدى.
ئاشقۇن ئوڭچىلار ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرۇۋاتقان ۋېنگىرىيە، چېگرا بويلاپ تۇرغۇزۇۋاتقان 4 مېتىر ئېگىزلىكتىكى تىغلىق سىم توسۇق قۇرۇلۇشىنى تېخى يېقىندىلا پۈتكۈزگەنىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئامېرىكا ئۇكرائىناغا 2 مىليارد دوللار ياردەم بېرىدۇ
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئۇكرائىناغا 2 مىليارد دوللار ياردەم بېرىدۇ.
ئافغانىستاندا ھەربىي تىك ئۇچار چۈشۈپ كەتتى
ئافغانىستاننىڭ غور ۋىلايىتىدە بىر ھەربىي تىك ئۇچار ئايروپىلان دەريا قىرغىقىغا چۈشۈپ كەتتى.