سۈرىيە ئەسكەرلىرى ئەبۇ دۇھۇر ئايرودورۇمىدىن چېكىندى

سۈرىيەنىڭ رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى، قوزغىلاڭچىلارنىڭ ناچار ھاۋا مۇھىتىدىن پايدىلىنىپ ئايرودورۇمغا بېسىپ كىرىشى بىلەن تەڭ ئايرودورۇمنى قوغداشقا تەيىنلەنگەن ئامانلىقنى ساقلاش قىسىملىرىنىڭ ئايرودۇرۇمنى تاشلاپ چېكىنىپ چىققانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

377065
سۈرىيە ئەسكەرلىرى ئەبۇ دۇھۇر ئايرودورۇمىدىن چېكىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيەدە قوزغىلاڭچىلار بىلەن ئەسەد ئەسكەرلىرى ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشلار داۋاملاشماقتا.
ھۆكۈمەت ئەسكەرلىرى ئىدلىبتىكى ئەبۇ دۇھۇر ھەربىي ئايرودورۇمىدىن چېكىندى.
سۈرىيەنىڭ رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى، قوزغىلاڭچىلارنىڭ ناچار ھاۋا مۇھىتىدىن پايدىلىنىپ ئايرودورۇمغا بېسىپ كىرىشى بىلەن تەڭ ئايرودورۇمنى قوغداشقا تەيىنلەنگەن ئامانلىقنى ساقلاش قىسىملىرىنىڭ ئايرودۇرۇمنى تاشلاپ چېكىنىپ چىققانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
ئاگېنتلىقنىڭ خەۋىرىدە يەنە، چېكىنىشتىن ئىلگىرى سۈرىيە ئەسكەرلىرى بىلەن قوزغىلاڭچىلار ئوتتۇرىسىدا شىددەتلىك توقۇنۇشلارنىڭ يۈز بەرگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
سۈرىيەدىكى قوزغىلاڭچىلارنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بىرلەشمە قىسمى ھېسابلىنىدىغان فەتھ قوشۇنىغا تەۋە گۇرۇپپىلار ئەبۇ دۇھۇر ھەربىي ئايرودورۇمىنىڭ ئاساسىلىق كۆپ قىسمىنىڭ كونتروللۇقىنى ئالقىنىغا ئالدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر