ئىتالىيە سۈرىيەدىكى دائېشقا قارشى ئۇرۇشقا قاتناشمايدۇ

ئىتالىيە باش مىنىستىرى ماتتېيو رېنزى ئىتالىيەنىڭ سۈرىيەدىكى تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش (ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتى، ئى ش ئى د) قا قارشى ھەربىي ھەرىكەتلەرگە قاتناشمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

376114
ئىتالىيە سۈرىيەدىكى دائېشقا قارشى ئۇرۇشقا قاتناشمايدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىتالىيە باش مىنىستىرى رېنزى بىر تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا دۆلىتىنىڭ تاشقى سىياسەتلىرى توغرىسىدا توختىلىپ: «ئىتالىيە سۈرىيەدىكى دائېشقا قارشى ھەربىي ھەرىكەتلەرگە قاتناشمايدۇ» دېدى. ئۇ تاشقى سىياسەتتە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك پىلان – لايىھەلەرگە ئېھتىياجى بارلىقىنى، ئەمما ھەممە ھەرىكەتلەرنىڭ ياخشى نەتىجە بەرمەسلىك مۇمكىنلىكىنى ئەسكەرتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: «كازافىنى قوغلىۋېتىش ياخشى پىكىرمىتى؟ بۇنى تازا ياخشى بىلمەيمەن. ئۇ ئەلۋەتتە ناھايىتى خەتەرلىك دىكتاتور ئىدى. شۇنداقتىمۇ تاشقى سىياسەتتە ئەقىلسىزلەرچە ئىش قىلماسلىققا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك» دېدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر