شىئە ھۇسىلەرگە قارشى ھۇجۇملار كۈچەيمەكتە

شىئە ھۇسىلەرگە قارشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ھەربىي ھەرىكەتلەرنى قوللايدىغان ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ سانى كۆپەيمەكتە.

376211
شىئە ھۇسىلەرگە قارشى ھۇجۇملار كۈچەيمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يەمەندە توقۇنۇشلار ئىستىراتېگىيەلىك شەھەر مارىبقا مەركەزلىشىۋاتقان بىر پەيتتە، سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى ئىتتىپاقداش قىسىملارنى قوللايدىغان ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ سانى كۆپىيىپ بارماقتا.
ھەربىي ھەرىكەتكە قۇرۇقلۇق قىسىملىرى بىلەن قاتناشقان قاتار، يەمەنگە يەنە مىڭ ئەسكەر ئەۋەتتى.
ماراكەشتە تارقىتىش بېرىۋاتقان ئەل يەۋىم 24 تېلېۋىزىيە قانىلى، قاتاردىن كېيىن مىسىر، ئىئوردانىيە، سۇدان، كۇۋەيت ۋە ماراكەش قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭمۇ قۇرۇقلۇق ھەربىي ھەرىكەتلىرىگە ئەسكەر ئەۋەتىدىغانلىقلىرىنى ئۇقتۇردى.
بۇ ئارىلىقتا، ئەرەب دۆلەتلىرىدىن كەلگەن ئەسكەرلەر مارىب شەھىرىگە ئورۇنلاشتۇرۇلماقتا. مارىب قولغا چۈشكەن تەقدىردە كېيىنكى قېتىملىق نىشاننىڭ شىئە ھۇسى ئىسيانچىلارنىڭ مەركىزى ھەربىي ھېسابلىنىدىغان پايتەخت سەنئا ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
بۇنىڭدىن باشقا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يەمەندىكى ئىچكى ئۇرۇشتا ھازىرغىچە 2100 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر