ئۇرۇشتىن قاچقان مۇساپىرلارنىڭ ئۈمىد سەپەرلىرى

ئۆز يۇرت – ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ، گېرمانىيەگە يېتىپ بارغان مۇساپىرلار سانىنىڭ 20 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەنلىكى ئېلان قىلىندى.

377122
ئۇرۇشتىن قاچقان مۇساپىرلارنىڭ ئۈمىد سەپەرلىرى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيەگە يېتىپ بارغان كۆچمەنلەر ۋە پاناھلىق تىلىگۈچىلەرنىڭ سانى 20 مىڭدىن، ئاۋستىرىيەدە بولسا 14 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى. يەنە مىڭلارچە كۆچمەنلەر ئوتتۇرا، شەرقىي ۋە غەربىي ياۋروپا يوللىرىغا چۈشتى. گىرېتسىيە ئاراللىرىغا يېتىپ كەلگەن كۆچمەن ۋە پاناھلىق تىلىگۈچىلەر پاراخوت بىلەن پىرە پورتىغا ئېلىپ كېلىندى. گىرېتسىيە ئارىلىدا دېڭىز يولى بىلەن كەلگەن 2 مىڭدىن ئارتۇق كۆچمەن توپلاندى. گىرېتسىيەنىڭ مىدىللى ئارىلىدىن ھەرىكەت قىلغان كۆچمەنلەر ساقچىلارنىڭ زوراۋانلىقى، ئاچارچىلىق ۋە سۇسىزلىقتىن شىكايەت قىلماقتا.
گىرېتسىيە ھۆكۈمىتى پاناھلىق تىلىگۈچىلەر تۇرغان جايلارنىڭ شارائىتلىرىنى ياخشىلاش ئۈچۈن ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ياردەم تەلەپ قىلدى.
گىرېتسىيە – ماكېدۇنىيە – سېربىيە – ۋېنگىرىيە – ئاۋستىرىيە – گېرمانىيە لىنيەسىنى بويلاپ يولغا چىققان كۆچمەنلەر ۋە پاناھلىق تىلىگۈچىلەرنى ناھايىتى جاپالىق سەپەر كۈتۈپ تۇرماقتا. سېربىيە چېگراسىدىن ھالقىپ ۋېنگىرىيەگە كەلگەن كۆچمەنلەر بۇ يەردە قۇرۇلغان روسىزكې لاگېرىدا ئېگىزلىكى 4 مېتىردىن ئاشىدىغان سىم توسۇقلار بىلەن قورشالغان تاملارنىڭ ئارقىسىدا تۇتۇپ تۇرۇلماقتا. بۇ يەردىن مۇۋەپپەقىيەتلىك قېچىپ كېتەلىگەنلەر تۆمۈر يولنى بويلاپ ئاۋستىرىيەگە ئاندىن گېرمانىيەگە يېتىپ بېرىشقا تىرىشماقتا. لاگېرلاردا يەر تاپالمىغانلار كېچىنىڭ سوغۇقلىرىدا داق يەردە يېتىشقا مەجبۇر.
ۋېنگىرىيە پايتەختى بۇداپېشتتا كۆچمەنلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا پەقەتلا ئەھۋال ياخشى ئەمەس. ۋېنگىرىيە پايتەختى بۇداپېشتتا كۆچمەنلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا ئەھۋال پەقەتلا ياخشى ئەمەس. كۆچمەنلەر پويىز ئىستانسىسىدا بىر قانچە كۈندىن بۇيان ئۆزلىرىنى ئاۋستىرىيەگە بارىدىغان پويىزغا بېلەت ئېلىش ياكى ئاپتوبۇس تېپىش ئۈچۈن كۈتمەكتە. ھەر كۈنى يۈزلەرچە ئادەم پويىز ئىستانسىسىدىن ئايرىلىدۇ، ئۇلارنىڭ ئورنىغا يۈزلەرچە ئادەم كېلىدۇ.
ئاۋستىرىيەلىك پىدائىيلار ئاپتوموبىل تاپالمىغان، ماڭالماي قالغان مۇساپىرلارغا ياردەم قىلىش ئۈچۈن ئاپتوموبىل ئەترىتى تەشكىللەپ بۇداپېشتقا يېتىپ كەلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر