ئەسەد قىسىملىرى يەنە نۇرغۇن ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولدى

ئەسەد قىسىملىرى ئۆكتىچىلەرنىڭ تىزگىنى ئاستىدىكى رايونلارغا ۋاكۇم بومبىلىرى بىلەن ھۇجۇم قوزغاپ نۇرغۇن ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولدى.

375567
ئەسەد قىسىملىرى يەنە نۇرغۇن ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەسەد قىسىملىرى دەمەشىق ۋە ئىدلىبتە ئۆكتىچىلەرگە قارشى ئېلىپ بارغان ھۇجۇملىرىدا ۋاكۇم بومبىسى ئىشلەتتى، ھۇجۇمدا 12 كىشى ئۆلدى، ئونلارچە ئادەم يارىلاندى.
ئەسەد قىسىملىرىغا تەۋە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى پايتەخت دەمەشقنىڭ شەرقىي گۇتا رايونىدا ئۆكتىچىلەرنىڭ تىزگىنى ئاستىدىكى ئاربىن رايونىدىكى تۇرالغۇ جايلارغا ۋاكۇم بومبىسى ئېتىپ، 6 ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولدى.
ئونلارچە ئادەم يارىلانغان ھۇجۇمدا ئۈچ بىنا پۈتۈنلەي يەر بىلەن يەكسان بولدى. ئىدلىبنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان ئەرىھا ناھىيەسىدىمۇ ئەسەد قىسىملىرىغا تەۋە تىكئۇچارلار تۇرالغۇ جايلارغا ھۇجۇم قىلىپ، 6 ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولدى، نۇرغۇن ئادەمنى يارىلاندۇردى.
ھۇجۇمدا 6 بىنا ۋەيران بولدى، نۇرغۇن بىنا زىيانغا ئۇچرىدى. ئەسەد قىسىملىرى يېقىنقى كۈنلەردە ۋارىل بومبىسى ئورنىغا ۋەيران قىلىش كۈچى كۈچلۈك بولغان «ئەخلەت بومبىلىرى» بىلەن ئىدلىب ۋە ھالەپتە ئۆكتىچىلەرنىڭ تىزگىنى ئاستىدىكى رايونلارغا ئىزچىل ھۇجۇم قوزغىماقتا.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر