تاجىكىستاننىڭ ۋەزىيىتى كەسكىنلىشىپ كەتتى
تاجىكىستاندا ھۆكۈمەت بىلەن ئارمىيە سېپىدىن ئايرىلىپ چىققان گېنېرال ئابدۇھەلىم نەزەرزادە ئوتتۇرىسىدا كەسكىن توقۇنۇش يۈز بەردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاجىكىستاندا مەركىزى ھۆكۈمەت بىلەن گېنېرال ئابدۇلھەلىم نەزەزادە قوللىغۇچىلىرى ئوتتۇرىسىدىكى سۈركىلىش كەسكىنلەشمەكتە.
تاجىكىستان ئارمىيەسى ئېلىپ بارغان ھەربىي ھەرىكەتلەردە نەزەرزادە تەرەپدارى بولغان 13 مىلىتان ئۆلتۈرۈلدى.
پايتەخت دۈشەنبىدە ساقچىخانىغا قىلىنغان ھۇجۇمدا 1 ساقچى ئۆلدى، 3 ساقچى يارىلاندى. ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بارغان تاجىكىستان ئارمىيەسى گېنېرال نەزەرزادىنىڭ ئۆيىنى قورشىۋالدى.
تاجىكىستاندا جۈمە كۈنى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىققا قاراشلىق بىر بىنا ۋە پايتەخت ئەتراپىدىكى ۋەھدەت ناھىيەسىگە قىلىنغان ھۇجۇمدا 9 ساقچى بىلەن 13 مىلىتان ئۆلگەنىدى.
ھۇجۇملاردىن كېيىن گېنېرال نەزەرزادە ئارمىيە سېپىدىكى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاندى، نەزەرزادە 1992-يىلدىن 1997-يىلغىچە 150مىڭ كىشىنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولغان ئىچكى ئۇرۇشتا ئۆكتىچىلەر سېپىدىن ئورۇن ئالغان بولسا، ئۇرۇشتىن كېيىن دۆلەت ئارمىيەسىگە ئۆتۈپ كەتكەن كىشى ئىدى.
بۇنىڭدىن باشقا ئۆتكەن ھەپتە تاقىۋېتىلگەن ئىسلامىي تىرىلىش پارتىيەسى ھۇجۇملار بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوقلىقىنى بىلدۈرۈپ بايانات ئېلان قىلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
سەئۇدى ئەرەبىستان ئارىدىن 12 يىل ئۆتكەندىن كېيىن دەمەشىققە باش ئەلچى تەيىنلىدى
سەئۇدى ئەرەبىستان ئارىدىن 12 يىل ئۆتكەندىن كېيىن، سۈرىيەنىڭ پايتەختى دەمەشىققە باش ئەلچى تەيىنلىدى.