جەنۇبىي كورىيەدە بىر كېمە چۆكۈپ كېتىپ 10 ئادەم ئۆلدى

جەنۇبىي كورىيەدە بىر بېلىقچى كېمىسى چۆكۈپ كېتىپ 10 ئادەم ئۆلدى، نۇرغۇن ئادەم يوقاپ كەتتى.

375272
جەنۇبىي كورىيەدە بىر كېمە چۆكۈپ كېتىپ 10 ئادەم ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جەنۇبىي كورىيەدە بىر بېلىقچى كېمىسى چۆكۈپ كېتىپ 10 ئادەم ئۆلدى، بەزى بېلىقچىلار يوقاپ كەتتى، دېڭىزدا ئىزدەش-قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرى داۋاملاشماقتا.
كۇجا ئارىلىدا دۈم كۆمتۈرۈلۈپ كەتكەن كېمە بىلەن بولغان ئالاقىنىڭ شەنبە كۈنى كەچتە پۈتۈنلەي ئۈزۈلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
قۇتقۇزۇپ قېلىنغان ئۈچ كىشى بېلىقچىلارنىڭ 10سائەتكە يېقىن چۆكۈپ كەتكەن كېمىدە ھاياتتا قېلىش ئۈچۈن بارچە ئامالنى قىلىپ باققانلىقى ، بىراق دولقۇنلار سەۋەبىدىن كۆپ قىسىم بېلىقچىنىڭ ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى بايان قىلىشتى.
جەنۇبىي كورىيەدە بۇلتۇر بىر پاراخوتنىڭ چۆكۈپ كېتىشى نەتىجىسىدە پاراخوتتىكى 300دىن ئارتۇق كىشى ئۆلۈپ كەتكەنىدى.
بۇ ۋەقەدىن كېيىن ھۆكۈمەت دېڭىز تىرانسىپورتى جەھەتتە يېتەرلىك بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئالماسلىق سەۋەبىدىن قاتتىق تەنقىدكە ئۇچرىغانىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر