دائېش يەمەندىكى ئادەم بومبا ھۇجۇمىنىڭ جاۋاپكارلىقىنى قوبۇل قىلدى

شىئەلەرنىڭ جامەسىدە شام نامىزى جەريانىدا ئارقىمۇ ئارقىدىن 2 قېتىم پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەردى.

342211
دائېش يەمەندىكى ئادەم بومبا ھۇجۇمىنىڭ جاۋاپكارلىقىنى قوبۇل قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يەمەندە ئادەم بومبا ھۇجۇمى يۈز بەردى.
يەمەننىڭ پايتەختى سەنئادا بىر جامە نىشان قىلىنغان ھۇجۇمدا دەسلەپكى مەلۇماتلارغا كۆرە، 20 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلىپ، ئونلىغان كىشى يارىدار بولدى.
ھۇجۇمنىڭ جاۋاپكارلىقىنى دائېش ئۆز ئۈستىگە ئالدى.
شىئەلەرنىڭ جامەسىدە شام نامىزى جەريانىدا ئارقىمۇ ئارقىدىن 2 قېتىم پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەردى.
بىرىنجى قېتىملىق پارتلاشنىڭ ئادەم بومبا تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغانلىقى، ئىككىنچى قېتىملىق پارتلاشنىڭ بولسا، بومبا ئاپتوموبىل بىلەن ئېلىپ بېرىلغانلىقى ئېلان قىلىندى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر