يەمەندىكى ھۇسىيلارغا قارشى ھاۋا ھۇجۇملىرى داۋاملاشماقتا

سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى ئىتتىپاقداش كۈچلىرىگە ئائىت ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ يەمەندىكى ھۇسىيلارغا قاراتقان ھۇجۇملىرى داۋاملاشماقتا.

342040
 يەمەندىكى ھۇسىيلارغا قارشى ھاۋا ھۇجۇملىرى داۋاملاشماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىتتىپاقداش كۈچلىرى تائىزدە ئۇدا 6 قېتىم ھاۋا ھۇجۇمى ئېلىپ باردى، ھۇجۇملاردا 20 ھۇسىي مىلىتانى ئۆلدى، 20 سى يارىلاندى.
بۇ ئارىلىقتا، ھۇسىيلار پىرېزىدېنت ئەبدە رەببە مەنسۇر ھادىنى قوللىغۇچى گۇرۇپپىلارنىڭ كونتىروللۇقىدىكى جەبەل ئەلجەبرانى توپ ۋە كاتيۇشالار ئارقىلىق بومباردىمان قىلدى.
ھۇجۇملاردا ھادىغا قاراشلىق قىسىملاردىن 7 ئەسكەر بىلەن 2 پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلدى، 27 كىشى يارىلاندى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر