خىتايدا يەنە بىر خىمىيە زاۋۇتى پارتلىدى

خىتايدا خىمىيە زاۋۇتىدا يۈز بەرگەن پاتلاشتا 5 كىشى ئۆلدى.

341967
خىتايدا يەنە بىر خىمىيە زاۋۇتى پارتلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتايدا بىر خىمىيە زاۋۇتىدا پارتلاش يۈز بەرگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە كۆرە، خىتاينىڭ شەرقىدىكى شەندۇڭ ئۆلكىىسىگە قاراشلىق لىجىن ۋىلايىتىدە بىر خىمىيە زاۋۇتىدا پارتلاش يۈز بېرىپ، ئاز دېگەندىمۇ 5 كىشى ئۆلگەن.
ئالاقىدار مەسئۇللار پاتلاشتىن كېيىنكى ئوت ئاپىتىنى ئۆچۈرۈپ قالغانلىقىنى، رايوندا ئېلىپ بېرىلغان ھاۋانىڭ ساپلىقىنى تەكشۈرىشلەردىمۇ خەتەرلىك ئەھۋال كۆرۈلمىگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
پارتلاشنىڭ سەۋەبى تەكشۈرۈلىۋاتقانلىقى قەيت قىلىندى.
تېخى يېقىندىلا خىتاينىڭ ئاتاقلىق پورت شەھەرلىرىدىن بىرى بولغان تىئەنجىندىمۇ خىمىيە زاۋۇتىدا پارتلاش يۈز بېرىپ، رەسمىي مەلۇماتلارغا كۆرە، ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 158 گە يەتكەن ئىدى.
چەت ئەللەردىكى مۇستەقىل ئانالىزچىلار خىتايدا بارغانچە كونىراپ كېتىۋاتقان ھەمدە بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى يېتەرلىك ۋە ئۆلچەملىك بولمىغان خىمىيە زاۋۇتلىرىنىڭ تەھدىتكە ئايلىنىپ قىلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇشماقتا.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر