ئۇكرائىنادا ئاساسىي قانۇن ئىسلاھاتى خەلقنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى

ئۇكرائىنادا ئاساسىي قانۇن ئىسلاھاتىنى مەزمۇن قىلغان قانۇن تەكلىپىنىڭ ماقۇللىنىشى خەلقنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

372468
ئۇكرائىنادا ئاساسىي قانۇن ئىسلاھاتى خەلقنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پايتەخت كىيىۋدىكى پارلامېنت بىناسى ئالدىدا يۈزلەرچە كىشى بىخەتەرلىك خادىملىرى بىلەن توقۇنۇشتى.
پىرىزېدېنت پېترو پوروشېنكو تەكلىپ قىلغان ئاساسىي قانۇن ئىسلاھاتلىرىنىڭ پارلامېنتتا ماقۇللىنىشى خەلقنىڭ نارازىلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.
نامايىشچىلارنىڭ پارلامېنت بىناسىغا بېرىشىنى تەلەپ قىلىشىغا قارىتا، بىخەتەرلىك خادىملىرى ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ئاتتى. ۋەقەلەردە 90 بىخەتەرلىك خادىمى يارىلاندى. رايوندىن شىددەتلىك پارتلاش ئاۋازى ئاڭلاندى.
ئاساسىي قانۇن ئىسلاھاتلىرى ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى رايونلارغا ئالاھىدە سالاھىيەت بېرىلىشىنى مەزمۇن قىلىدۇ.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر