مىسىردا ھەربىي سوت 14 كىشىنى جازاغا ھۆكۈم قىلدى

مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتى رەھبەرلىرى 2014 – يىلى 25 - ئىيۇندا شۇبرا ئەل ھەيمە مېترو ئىستانسىسىغا بومبا ھۇجۇمى قىلىش، قورال ساقلاش ۋە دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزۈش جىنايەتلىرى بىلەن ئەيىبلەندى.

372640
مىسىردا ھەربىي سوت 14 كىشىنى جازاغا ھۆكۈم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:مىسىردا ھەربىي سوتتا سوتلىنىۋاتقات مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتى رەھبەرلىرىدىن 7 كىشى مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ۋە يەنە 7 كىشى 10 يىللىقتىن قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى.
ھەربىي ئۆزگىرىشكە قارشى تۇرغۇچى 374 كىشى سوتلىنىۋاتقان يەنە بىر دېلو 7 – سىنتەبىرگە كېچىكتۇرۇلدى.
مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتى رەھبەرلىرى 2014 – يىلى 25 - ئىيۇندا شۇبرا ئەل ھەيمە مېترو ئىستانسىسىغا بومبا ھۇجۇمى قىلىش، قورال ساقلاش ۋە دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزۈش جىنايەتلىرى بىلەن ئەيىبلەندى. سۇتنىڭ ھۆكمىگە قارشى يۇقىرى سوتقا ئەرز قىلىش يولىنىڭ ئوچۇقلۇقى بىلدۈرۈلدى.
ئاسيۇت ھەربىي سوت مەھكىمىسى بولسا، 374 نەپەر گۇماندارنى دەير مەۋۋاس رايونىدا پارلامېنت بىناسىغا بېسىپ كېرىش ۋە ئوت قويۇش جىنايىتى بىلەن ئەيىبىلىمەكتە.
مىسىر پىرېزىدېنتى ئابدۇلفەتتاھ ئەس سىسى ئالدىنقى يىلى دۇلەت ئىدارىلىرى ھەربىي ئورگانغا ئوخشاش سالاھىيىگە ئىگە بولغانلىقى سەۋەبىدىن بۇ جايلارغا ھۇجۇم قىلغانلارنى ھەربىي سوتقا تاپشۇرۇش قارارنامىسىنى ئېلان قىلغان ئىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر