دائېش سۈرىيەدە 2000 يىللىق ئىبادەتخانىنى ۋەيران قىلىۋەتتى

دائېش سۈرىيەگە جايلاشقان پالمىرا قەدىمىي شەھىرىكى ئۇزۇن يىللىق بىر ئىبادەتخانىنى ۋەيران قىلىۋەتتى.

341624
دائېش سۈرىيەدە 2000 يىللىق ئىبادەتخانىنى ۋەيران قىلىۋەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش سۈرىيەدە 2000 يىللىق بىر ئىبادەتخانىنى ۋەيران قىلىۋەتتى.
پالمىرا قەدىمىي شەھەردىكى بەل ئىبادەتخانىنىڭ ناھايىتى قىممەتلىك تارىخى ئەسەرلىرىنىڭ بىر قىسىمنىڭ ۋەيران بولغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
سۈرىيەلىك مەسئۇللار ئىبادەتخانىنىڭ ئەتراپىدا زور پارتلاش ھادىسىسىنىڭ مەيدانغا كەلگەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈردى، بىراق ئۇلى بىلەن «مۇقەددەس» يەرلىرىنىڭ زىيانغا ئۇچرىمىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.
ئوتتۇرا شەرقتىكى ئەڭ قەدىمىي دىنى ماكانلاردىن بولغان بەل ئىبادەتخانىسى رىم ئىمپېرىيەسى دەۋرىدە مىلادىن كېيىن 32-يىلدا بەرپا قىلىنغانىدى.
دائېش بىر ھەپتە ئىلگىرى پالمىرادىكى تارىخىي بائالشامىن ئىبادەتخانىسىنى پارتلاتقان، شۇنداقلا مار ئېلىيان مۇناستىرىنى كىرانلار بىلەن چېقىۋەتكەنىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر