ئەسەد قىسىملىرى يەنە نۇرغۇن كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى

ئەسەد قىسىملىرى دەمەشىقنىڭ بەزى جايلىرىنى بومباردىمان قىلىپ نۇرغۇن كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى.

371988
ئەسەد قىسىملىرى يەنە نۇرغۇن كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيەدە ئەسەد قىسىملىرى تۇرالغۇ جايلارنى بومباردىمان قىلىپ 21 ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولدى.
ئەسەد قىسىملىرىغا تەۋە ئۇرۇش ئايرۇپىلانلىرى دەمەشىقنىڭ شەرقىي گۇتا رايونىغا ۋاكۇم بومبىسى ئېتىپ 21 ئادەمنىڭ ئۆلۈمىگە، 100دىن ئارتۇق كىشىنىڭ يارىلىنىشىغا سەۋەب بولدى.
ھۇجۇمدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ پۇقرالار ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى، قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرى رايوندىكى ۋەيران بولغان ئۆيلەرنىڭ ئاستىدا قالغان كىشىلەرنى تېپىپ چىقىش ئۈچۈن خىزمەتلەرنى ئىشلىمەكتە.
ھۇجۇمدىن كېيىن خەلقنىڭ بىخەتەر رايونلارغا قاچقانلىقى بىلدۈرۈلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر