تەھرىر گېزىتى نەشىردىن توختىدى
مىسىر ئىنقىلابىنىڭ سىمۋولىغا ئايلانغان «تەھرىر» گېزىتى تاقىۋېتىلدى.
372343
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھۆسنى مۇبارەك تۈزۈمى ئاغدۇرۇپ تاشلانغان 25- يانۋار ئىنقىلابىنىڭ سىمۋوللىرىنىڭ بىرىگە ئايلانغان «تەھرىر» گېزىتى، بەش يىللىق نەشر ھاياتىدىن كېيىن ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ۋىدالاشتى.
تەھرىر گېزىتىنىڭ ئىنتېرنېت سەھىپىسى مەسئۇلى مۇھەممەد شەھاتە، گېزىتنى تاقىۋېتىش قارارىنىڭ ماددىي قىيىنچىلىقلارنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
گېزىتنى ئىنتېرنېت ئارقىلىق چىقىرىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرگەن شەھاتە، بىرلىرىگە زۇلۇم قىلىپ قويماسلىق ئۈچۈن خىزمەتچىلەردىن ئىمكانىيەت دائىرىسىدىكى ئەڭ كۆپ كىشىنى ئىنتېرنېت گېزىتىدە ئىشلىتىشنى ئويلىشىۋاتقانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
سىلوۋېنىيەمۇ پەلەستىننى ئېتىراپ قىلدى
سىلوۋېنىيە ھۆكۈمىتى پەلەستىن دۆلىتىنى ئېتىراپ قىلىش توغرۇلۇق قارار چىقاردى.