پارلامېنتسىز قالغان مىسىردا پارلامېنت سايلاملىرى ئۆتكۈزۈلىدۇ

مىسىردا پارلامېنت سايلاملىرى ئىككى باسقۇچلۇق ئۆتكۈزۈلىدۇ.

371996
پارلامېنتسىز قالغان مىسىردا پارلامېنت سايلاملىرى ئۆتكۈزۈلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىللەت مەجلىسى ئۈچ يىلدىن بۇيان پاسسىپ ھالەتتە تۇرۇۋاتقان مىسىردا پارلامېنت سايلاملارنىڭ ۋاقتى ئۇقتۇرۇلدى.
مىسىر ئۆكتەبىر ۋە نويابىر ئايلىرىدا ئىككى باسقۇچلۇق سايلام ئۆتكۈزۈلىدۇ. 18-ۋە19-ئۆكتەبىر كۈنلىرى سايلامنىڭ بىرىنچى باسقۇچى مىسىردىكى ۋىلايەتلەرنىڭ بىر قىسمىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان بولسا، 22- ۋە 23-نويابىر كۈنلىرىدە باشقا ۋىلايەتلەردە ئۆتكۈزۈلىدۇ.
568 ئورۇندۇقلۇق پارلامېنتتا 27 پارلامېنت ئەزاسى پىرىزېدېنت سىسى تەرىپىدىن بېكىتىلىدۇ، قالغانلار بولسا ئىككى باسقۇچلۇق سايلام بىلەن بېكىتىلىدۇ.
مۇسۇلمان قېرىنداشلار ۋە سەلەفى گۇرۇپپىلاردىن باشقا سولچىل ئۆكتىچىلەرمۇ تەكشۈرۈلىۋاتقان مىسىردا، سىسىغا يېقىن بولغان «مىسىر ئاشىقى» ئىسىملىك بىرلەشمە گۇرۇپپىنىڭ سايلامدىن ئۇتۇپ چىقىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.
پىرىزېدېنت سىسى پارلامېنت بولمىغان مىسىرنى قانۇن ئورنىغا ئۆتىدىغان قارارنامىلەر بىلەن باشقۇرۇپ كەلمەكتە.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر