مىسىر ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئەركىنلىكىنى بوغۇشنى داۋاملاشتۇرماقتا
ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش نەتىجىسىدە ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەن مىسىر دائىرىلىرى مۇخبىرلارنىڭ ئەركىنلىكىگە توسالغۇ بولماقتا.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش نەتىجىسىدە ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەن مىسىر دائىرىلىرىنىڭ مەتبۇئات مەنسۇپلىرىغا قاراتقان زوراۋانلىق قىلمىشلىرى نارازىلىققا ئۇچرىماقتا.
مىسىر سوت مەھكىمىسى، بىرى مىسىرلىق، بىرى كانادالىق يەنە بىرى ئاۋسترىيەلىك ئۈچ مۇخبىرغا رۇخسەتسىز خەۋەر يېزىش بىلەن شۇغۇللىنىش ۋە مىسىرغا قارشى پىروگرامما تەييارلاش بىلەن ئەيىبلەپ قاماق جازاسى بەردى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى بان كىمۇن، قاماق جازاسىدىن چوڭقۇر قايغۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى جون كېربي، مىسىرنىڭ بۇ قىلمىشىغا ‹ئەپسۇسلىنارلىق› دەپ باھا بەردى ۋە قارارغا قايتا قاراپ چىقىشنى تەلەپ قىلدى.
بۇ قارارنىڭ پىكىر ئەركىنلىكىگە زەربە بەرگەنلىكىنى ئەسكەرتكەن كېربي، مىسىر ھۆكۈمىتىنى بۇ قارارغا قايتا قاراپ چىقىلىشى ئۈچۈن، كېرەكلىك بەلگىلىمىلەرنى چىقىرىشقا چاقىردى.
مىسىر تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بولسا، «چەتنىڭ قاماق جازالىرىغا قاراتقان ئەيىبلەشلىرى، مىسىر ئەدلىيەسىگە قىلىنغان قوبۇل قىلغۇسىز مۇداخىلىدۇر» دەپ نارازىلىق بىلدۈردى.
3 مۇخبىر ئۆتكەن يىلى 7 يىللىقتىن قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان بولۇپ، نارازىلىقلار كۈچىيىپ كەتكەندىن كېيىن قايتا سوتلاش قارار قىلىنغانىدى.
مىسىردا نۆۋەتتە 18 مۇخبىر ۋە ژۇرنالىست قاماقتا ياتماقتا.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
![يېڭى زېلاندىيە غەززەگە قوشۇمچە ئىقتىسادىي ياردەم بېرىدۇ](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/4013/5ea5/18f0/653a1165d84d0.jpg?time=1718664524)
يېڭى زېلاندىيە غەززەگە قوشۇمچە ئىقتىسادىي ياردەم بېرىدۇ
يېڭى زېلاندىيە غەززەگە 5 مىليون دوللار قوشۇمچە ئىقتىسادىي ياردەم بېرىدۇ.