كارايىپ ئاراللىرىدا ئەرىكا بورىنى 20 جانغا زامىن بولدى

ئەرىكا بورىنى ئاپىتى ئەگەر يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتمەي داۋملىشىدىغان بولسا، دۈشەنبە كۈنى ئامېرىكنىڭ فلورىدا ئىشتاتىنىڭ جەنۇبىغا يېتىپ بېرىشى مۆلچەرلەنمەكتە.

371267
كارايىپ ئاراللىرىدا ئەرىكا بورىنى 20 جانغا زامىن بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كارايىپ ئاراللىرى ئەرىكا بورىنى ئاپىتىگە دۇچ كەلدى.
دومىنىك جۇمھۇرىيىتىدە 20 كىشى بوران ئاپىتى تۈپەيلى ھاياتىدىن ئايرىلدى.
ئالاقىدار مەسئۇللار بوران دومىنىك جۇمھۇرىيىتىگە تەسىر كۆرسەتكەن دەسلەپكى سائەتلەردە سۇرئىتىنىڭ سائىتىگە 210 كېلومېتىر بولۇپ ھېسابلانغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
ئەرىكا بورىنى ئاپىتى ئەگەر يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتمەي داۋاملىشىدىغان بولسا، دۈشەنبە كۈنى ئامېرىكنىڭ فلورىدا ئىشتاتىنىڭ جەنۇبىغا يېتىپ بېرىشى مۆلچەرلەنمەكتە.
بوران ئاپىتى سەۋەبىدىن فلورىدا ئىشتاتىدا جىددىي ھالەت ئېلان قىلىندى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر