ئاقدېڭىزدا كۆچمەنلەر كېمىسى چۆكۈپ كەتتى

لىۋىيەنىڭ زۇۋارا شەھىرى ساھىلىدا 500 ئەتراپىدا قانۇنسىز كۆچمەن ئولتۇرغان كېمە چۆكۈپ كەتتى.

371084
ئاقدېڭىزدا كۆچمەنلەر كېمىسى چۆكۈپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لىۋىيە ساھىل بىخەتەرلىك ئەترەتلىرى چۆكۈپ كەتكەن كېمىدىن 200 گە يېقىن كۆچمەننىڭ قۇتقۇزۇۋېلىنغانلىقىنى، بىراق نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ قازا قىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
ھاياتىدىن ئايرىلغانلاردىن بىر قىسمىنىڭ سۈرىيەلىك، باڭلادېشلىق، يەنە بىر قىسمىنىڭ بولسا ئافرىقا دۆلەتلىرىدىن ئىكەنلىكى خەۋەر قىلىنماقتا.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتىغا كۆرە، بۇ يىل ياۋروپاغا كېتىشنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، ئاقدېڭىز سەرىپى ئۈستىدە ئۆلۈپ كەتكەن كۆچمەنلەرنىڭ سانى 2 مىڭ 400 گە يېتىدىكەن.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر