كۆچمەنلەر كېمىسى چۆكۈپ كەتتى

لىۋىيەدىن ئىتالىيەگە قاراپ يولغا چىققان كۆچمەنلەر 100 كىشى كېمىنىڭ چۆكۈپ كېتىشى نەتىجىسىدە ھاياتىدىن ئايرىلدى.

370784
كۆچمەنلەر كېمىسى چۆكۈپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھازىرغىچە كېمىدىكى 200 گە يېقىن كىشى قۇتقۇزۇۋېلىندى.
مەلۇماتلارغا قارىغاندا، قانۇنسىز كۆچمەنلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئافرىقىلىق ئىكەن.
لىۋىيە دېڭىز تەۋەلىكىدە ئۆتكەن چارشەنبە كۈنىمۇ بىر كېمىدە 50 تىن ئارتۇق كۆچمەننىڭ جەسىتى تېپىلغانىدى.
رەسمىي مەلۇماتلارغا قارىغاندا، بۇ يىل دېڭىز ئارقىلىق ياۋروپاغا قاراپ يولغا چىققان 2 مىڭ 300 دىن ئارتۇق كۆچمەن ھاياتىدىن ئايرىلغان.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر