جەنۇبىي ئافرىقىدا ساقچىلارنىڭ زوراۋانلىق دېلوسى نەتىجىلەندى

جەنۇبىي ئافرىقىدا 8 نەپەر ساقچىنىڭ جىنايىتى مۇئەييەنلەشتى.

369741
جەنۇبىي ئافرىقىدا ساقچىلارنىڭ زوراۋانلىق دېلوسى نەتىجىلەندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جەنۇبىي ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىدە موزامبىكلىق بىر تاكسى شوپۇرىنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولۈش بىلەن ئەيىبلىنىپ باشلانغان داۋادا 8 نەپەر ساقچىنىڭ جىنايىتى مۇئەييەنلەشتى.
جازا قارارى چىقىشتىن ئىلگىرى مەزكۇر ساقچىلارنىڭ 22 – سىنتەبىرگىچە قاماقتا تۇتۇپ تۇرۇلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
ئافرىقا دىياسپورا مۇنبىرى باشلىقى مارج كابافۇ، ئانادولۇ ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، «كۆچمەنلەر بەزىدە ساقچىلار تەرىپىدىن ئىنسانىيەتكە خىلاپ مۇئامىلىلەرگە دۇچ كەلمەكتە. بۇ قارارنىڭ ئىنتايىن كۈچلۈك ئاگاھلانۈرۈش بولۇپ قېلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېدى.
27 ياشلىق موزامبىكلىق تاكسى شوپۇرى مىدو ماجىيانى 2 يىل ئىلگىرى قاتناس قانۇنىغا قارشى چىقىش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەپ قولغا ئالغان ساقچىلار، ئۇنىڭ قوللىرىنى باغلاپ ئاپتوبىلنىڭ ئارقىسىدا 200 مېتىرگىچە سۈرەپ ماڭغان ۋە كېيىنچە تۇتۇپ تۇرىلىۋاتقان ساقچى پونكىتىدا مىدو ماجىيانىڭ جەسىتى تېپىلغان ئىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر