يۈننەندە ئۈچ كىشى ئۆلدى، سەككىز كىشى غايىپ بولدى

خىتاينىڭ يۈننەن ئۆلكىسىدە يۈز بەرگەن تاغ گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش ۋەقەسىدە ئۈچ كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكى، سەككىز ئادەمنىڭ ئىز – دېرەكسىز يوقاپ كەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

340174
يۈننەندە ئۈچ كىشى ئۆلدى، سەككىز كىشى غايىپ بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:خىتاي يەرلىك مەنبەلەرگە ئاساسلانغاندا، يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ تاغلىق رايونلىرىدا تاغ گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش ۋەقەسى يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقەدە ئۈچ كىشى ئۆلۈپ، سەككىز كىشى ئىز – دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن.
خەۋەرلەردە، رايوندا ئىزدەش – قۇتقۇزۇش ئىشلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلدى. 12 – ئاۋغۇست شەنشى ئۆلكىسىدە يۈز بەرگەن تاغ گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش ۋەقەسىدىمۇ 60 كىشىنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكى خەۋەر قىلىنغان ئىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر