ئەسەد شەرقىي گۇتادا 4-قېتىم قەتلىئام ئېلىپ باردى

ئەسەد قىسىملىرىغا تەۋە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى شەرقىي گۇتادا 4-قېتىم قەتلىئام ئېلىپ باردى.

339949
ئەسەد شەرقىي گۇتادا 4-قېتىم قەتلىئام ئېلىپ باردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيەدە ئەسەد قىسىملىرىغا تەۋە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى شەرقىي گۇتادىكى تۇرالغۇ جايلارنى بومباردىمان قىلدى.
شاكبا ناھىيەسىدىكى ھۇجۇم ھەققىدە ناھىيەدىكى سەھرا دوختۇرخانىسى مەسئۇللىرىدىن ئېلىنغان مەلۇماتلارغا قارىغاندا، 8 ئادەم ئۆلگەن، 30 ئادەم يارىلانغان.
ئالاقىدار مەسئۇللار يارىلانغانلارنىڭ جىددىي قۇتقۇزۇش ماشىنىلىرى بىلەن دوختۇرخانىغا ئېلىپ كېلىنگەنلىكىنى بىلدۈرۈشتى. ئەسەد قىسىملىرىنىڭ شەرقىي گۇتا رايونىغا قاراتقان ھۇجۇملىرىنى كۈچەيتىپ بارغانلىقىنى قەيت قىلىشقان مەسئۇللار، كىيىنكى قېتىملىق ھۇجۇمنى ئەسەد قىسىملىرىنىڭ بۇ ئاي ئىچىدە شەرقىي گۇتادا ئېلىپ بارغان «4-قېتىم قەتلىئام» دەپ تەرىپلىدى.
ئەسەد قىسىملىرىغا تەۋە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ تۈنۈگۈنمۇ دەمەشقنىڭ دۇما ناھىيەسىدە تۇرالغۇ رايونلارغا قىلغان ھۇجۇملىرىدا 50 كىشى ئۆلگەنىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر