گىۋاتېمالادا خەلق ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى

گىۋاتېمالادا خەلق ھۆكۈمەتنىڭ چىرىكلىكىگە قارشى كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئۆتكۈزدى.

339989
گىۋاتېمالادا خەلق ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گىۋاتېمالادا خەلق ھۆكۈمەتنىڭ چىرىكلىك قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ نامايىش ئۆتكۈزدى.
پىرىزېدېنت ئوتتو پېرېزنى ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بېرىشكە چاقىرغان نامايىشچىلار نامايىش ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن پىرىزېدېنتلىق سارىيى ئالدىغا يىغىلدى.
مۇئاۋىن سابىق پىرىزېدېنت روكسانا بالدېتى چىرىكلىك قىلمىشى سەۋەبىدىن تەكشۈرۈلگەندىن كېيىن نازارەت ئاستىغا ئېلىنىشى ۋە 6 ھۆكۈمەت خادىمىنىڭمۇ تۇتقۇن قىلىنىشىدىن كېيىن ئىستىپا بېرىشى ھەممىنىڭ دىققىتى پىرىزېدېنت ئوتتو پېرېزغا بۇرالدى.
پېرېز ئىستىپا بەرمەيدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى. بۇ ئارىلىقتا، مىليونلارچە دوللارلىق چىرىكلىك جىنايىتى ئۈستىدە خىزمەت ئىشلەۋاتقان سوتچى پېرېزنى پىرىزېدېنتلىق سارىيىدا زىيارەت قىلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر