دائېش «بەئەلشامىن ئىبادەتخانىسى» غا بومبا قويدى

دائېش تارىخىي يادىكارلىقلارنى نابۇت قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

340109
دائېش «بەئەلشامىن ئىبادەتخانىسى» غا بومبا قويدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيەنىڭ پالمىرا تارىخىي بەئەلشامىن ئىبادەتخانىسى دائېشنىڭ بومبىلىق ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى. ھۇجۇمدا ب د ت پەن مائارىپ، مەدەنىيەت تەشكىلاتى – يۇنېسكونىڭ مەدەنىي مىراسلار تىزىملىكىدىن ئورۇن ئالغان مەزكۇر ئىبادەتخانا ئېغىر تالاپەتكە ئۇچرىدى.

ئەنگلىيە مەركەزلىك كىشىلىك ھوقۇق كۆزەتكۈچىلىرى، ئىبادەتخانىنىڭ بۇنىڭدىن بىر ئاي ئىلگىرى پارتلىتىۋېتىلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

قۇرۇلۇش تارىخى بىرىنچى ئەسىرگە سۇزۇلىدىغان ئىبادەتخانا جايلاشقان پالمىرا شەھىرى ماي ئېيىنىڭ مابەينىدە دائېشنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدا تۇرماقتا.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر