ئېبولا ۋىرۇسى غەربىي ئافرىقا ئىقتىسادىغا ئېغىر تەسىر كۆرسەتتى

ئېبولا ۋىرۇسى سەۋەبىدىن غەربىي ئافرىقا دۆلەتلىرىدىن بىرى بولغان لىئوننىڭ ئىقتىسادىي زور دەرىجىدە تۆۋەنلەپ كەتتى.

339198
ئېبولا ۋىرۇسى غەربىي ئافرىقا ئىقتىسادىغا ئېغىر تەسىر كۆرسەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئېبولا ۋىرۇسىنىڭ ئەڭ ئېغىر تەسىرىگە ئۇچرىغان دۆلەتلەردىن بىرى بولغان لىئوندا ئالتۇن ئېكسپورتى ئۈچ ھەسسە، ئالماس ئېكسپورتى يېرىم ھەسسە تۆۋەنلەپ كەتتى.
لىئوندا يانۋاردا 11751 گىرام بولغان ئالتۇن ئېكسپورتى ئىيۇلدا 3900 گىرامغا چۈشۈپ قالدى. ئاپرېلدا 64.500 قارات بولغان ئالماس ئېكسپورتى ئىيۇلدا 35600 قاراتقا چۈشۈپ قالدى.
ئېبولا ۋىرۇسى كەڭ كۆلەمدە يامراپ كەتكەندىن كېيىن يەرئاستى بايلىقلىرىغا مەبلەغ سالغانلارنىڭ دۆلەتنى تاشلاپ كەتكەنلىكلىرى، كان ئىشچىلىرىنىڭمۇ سەھيە تەدبىرلىرى سەۋەبىدىن ئىشقا بارالمىغانلىقلىرى بىلدۈرۈلدى.
2013-يىلى 11.3%لىك زورىيىش ئىشقا ئاشقان لىئوندا 2014-يىلى ئىقتىسادىي زورىيىشنىڭ سۈرئىتى ئېبولا ۋىرۇس سەۋەبىدىن 4%كە چۈشۈپ قالغانىدى.
دۇنيا بانكىسىنىڭ تەخمىنلىرىگە ئاساسلانغاندا، 2015-يىلى لىئون ئىقتىسادىي يەنە 2% تۆۋەنلەيدىكەن. غەربىي ئافرىقىدا 2013-يىلنىڭ ئاخىرىدا باش كۆتۈرگەن ئېبولا ۋىرۇسى تۈپەيلى ھازىرغىچە 11.300 كىشى ئۆلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر