پاكىستان ھىندىستان بىلەن چاقىرىدىغان بىر يىغىننى بېكار قىلىۋەتتى

پاكىستان ھىندىستان بىلەن ئۆتكۈزىدىغان دۆلەت خەۋپسىزلىككە مۇناسىۋەتلىك بىر يىغىننى بېكار قىلىۋەتتى.

339183
پاكىستان ھىندىستان بىلەن چاقىرىدىغان بىر يىغىننى بېكار قىلىۋەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاكىستان ھىندىستان بىلەن دۆلەت خەۋپسىزلىك مەسلىھەتچىلەر سەۋىيەسىىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان بىر يىغىننى بېكار قىلىۋەتكەنلىكىنى جاكارلىدى.
پاكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىنىپ، ھىندىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سۇشما سىۋاراجنىڭ يىغىننىڭ ئۆتكۈزۈلۈشىگە مۇناسىۋەتلىك شەرتلەرنى مەزمۇن قىلغان باياناتى سەۋەبىدىن، مۇشۇنداق قارار بەرگەنلىكلىرى بىلدۈرۈلدى.
باياناتتا سۇشما سىۋاراجنىڭ يىغىننىڭ دائىرىسىنى تېررورىزىمغا قارشى ئېلىنىدىغان بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى بىلەنلا چەكلىشىنىڭ توغرا ئەمەسلىكى ۋە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ساقلىنىۋاتقان مەسلىلەرنىڭ ھەر قانداق ۋاقىتتا كېڭەش قىلىنىشى كېرەكلىكى ئالاھىدە تەكىتلەندى.
باياناتتا يەنە «پاكىستان كەشمىر قاتارلىق بارلىق مەسىلىلەرنىڭ مۇئەييەن ۋاقىتقا ئاساسەن كېڭەش قىلىنىش تەكلىپىنى بەرگەن» دېيىلدى.
پاكىستان باش مىنىستىرى ناۋاز شەرىف بىلەن ھىندىستان باش مىنىستىرى نارېندرا مودى ئۆتكەن ئاي رۇسىيە فېدراتسىيەسىگە قاراشلىق باشقۇردىستاننىڭ پايتەختى ئۇفادا ئۆتكۈزۈلگەن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئالىي دەرىجىلىكلەر يىغىنىدا كۆرۈشكەندە، ئىككى دۆلەتنىڭ خەۋپسىزلىك ئىشلىرى ئالىي دەرىجىلىك مەسئۇللىرىنىڭ يېڭى دېھلىدا بىر يەرگە كېلىپ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى كېڭەش قىلىشنى قارار قىلىشقانىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر