ئىيۇل ئېيدا دۇنيانىڭ ھەممىلا يېرىدە قاتتىق ئىسسىق بولدى
2015 – يىلى ئىيۇل ئېيىنىڭ 1880 – يىلدىن بۇيانقى ئەڭ ئىسسىق ئاي بولغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
336713
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا دۆلەتلىك ئوكيانۇس ۋە ئاتموسفېرا ئىدارىسى 2015 – يىلى ئىيۇل ئېيىنىڭ 1880 – يىلدىن بۇيانقى ئەڭ ئىسسىق ئاي بولغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
ئىستاتىستىكىلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، 2015 – يىلى ئىيۇل ئېيىدا ھاۋا تىمپېراتۇراسى تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى چەككە يەتكەن بولۇپ، ئىيۇن ئېيىدىمۇ ھاۋا تىمپېراتۇرا يۇقىرى بولغان.