ئانگېلا مېركېل بىرازىلىيەدە زىيارەتتە بولدى

مېركېل دۇنيادا ئىقتىسادىي ئەڭ تېز تەرەققىي قىلىۋاتقان بىرازىلىيەدە، گېرمانىيە مەبلەغلىرىنىڭ كۆپىيىشى ئۈچۈن ھەرىكەت قىلدى.

337044
ئانگېلا مېركېل بىرازىلىيەدە زىيارەتتە بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل پىرېزىدېنت دىلما روسسېفنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن رەسمىي بىرازىلىيەگە يېتىپ كەلدى. ئۇنىڭ زىيارەت كۈنتەرتىپىدە، جەنۇبىي ئامېرىكا ئورتاق بازىرى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى ئارىسىدا ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان داۋاملىشىىۋاتقان مۇزاكىرەلەر بار ئىدى. ئۇنىڭ ئۇچرىشىشلىرى دائىرىسىدە، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەربىي ساھەدىكى ھەمكارلىق مۇناسىۋەتلىرىمۇ مۇزاكىرە قىلىندى. بۇنىڭدىن باشقا، بىلىم، تېخنىكا، ئېنېرگىيە ۋە مۇھىت قوغداش ساھەلىرىدىكى ھەمكارلىق مۇناسىۋەتلىرىمۇ كۆزدىن كەچۈرۈلدى.
گېرمانىيە بىرازىلىيەنى كىلىمات ۋە تىروپىك بەلباغ ئورمانلىرىنى قوغداش ئۈچۈن 550 مىليون ياۋرولۇق قەرز بىلەن تەمىنلەيدۇ. گېرمانىيە شىركەتلىرى بىرازىلىيەدىكى ئايرودۇرۇم، تۆمۈر يول ۋە پورتلارغىلا 57 مىليارد دوللار مەبلەغ سېلىشنى پىلان قىلماقتا.
بىرازىلىيەدە پۇل پاخاللىقىنىڭ %10 گە چىقىشى، مال باھاسىنىڭ داۋاملىق ئۆسۈپ كېتىشى ۋە بەزى پارىخورلۇق دەۋالىرى سەۋەبىدىن خەلقنىڭ پىرېزىدېنت روسسېفنى قوللىشى ئازايماقتا.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر