مۇساپىرلارنىڭ ئۈمىد سەپەرلىرى مۇسىبەتلەرگە ئايلانماقتا

ئاق دېڭىزدا مۇشۇ بىر ھەپتە ئىچىدە ئىككىنچى قېتىم قانۇنسىز كۆچمەن تىراگېدىيەسى يۈز بەردى.

329093
مۇساپىرلارنىڭ ئۈمىد سەپەرلىرى مۇسىبەتلەرگە ئايلانماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كۆچمەنلەرنىڭ ئۈمىد سەپىرى بۇ قېتىممۇ پاجىئە ۋە مۇسىبەت بىلەن ئاخىرلاشتى؛ لىۋىيەدىن قانۇنسىز كۆچمەنلەرنى ئېلىپ يولغا چىققان بىر بېلىقچى كېمىسى ئىتالىيەنىڭ لامپېدۇسا ئارىلى تەۋەلىكىدە دېڭىزغا چۆكۈپ كېتىپ، 40 تىن ئارتۇق كۆچمەن ھاياتىدىن ئايرىلدى.

ئىتالىيە دېڭىز ئارمىيەسى پاراخوتلىرى 300 دىن ئارتۇق ئادەمنى قۇتقۇزۇۋالدى.

ئۆتكەن سەيشەنبە كۈنىمۇ ئىتالىيە دېڭىز تەۋەلىكىدە 50 قانۇنسىز كۆچمەن ھاياتىدىن ئايرىلغانىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر