سۈرىيەدە 76 ئۆكتىچى ئۆلتۈرۈلدى

سۈرىيەدە ئۆكتىچى 76 كىشى تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلدى.

328562
سۈرىيەدە 76 ئۆكتىچى ئۆلتۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيەنىڭ ھەلەب شەھىرىدە دائېش بىلەن بەششار ئەسەد كۈچلىرىگە قارشى ئۇرۇش قىلىۋاتقان گۇرۇپپىنىڭ قارارگاھى جايلاشقان مارىئا يېزىسىنىڭ كونتىروللۇقى دائېشنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كەتتى.
ھەلەبتىن 35 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى يېزا تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش تەرىپىدىن قورشىۋېلىنغاندىن كېيىن، تەخمىنەن بىر ھەپتىدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان توقۇنۇشلاردا مارېئا يېزىسىنى قوغداۋاتقان ئۆكتىچىلەردىن 76 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى. 46 دائېش مىلىتانىمۇ توقۇنۇشلاردا ئۆلدى. ئىگىلىنىشىچە، بەششار ئەسەد كۈچلىرىگە قارشى قوزغىلاڭ پارتلىغان تۇنجى يېزىلاردىن بىرى بولغانلىقى ئۈچۈن، مارېئا ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەن.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر