خىتايدا ھەر كۈنى 4 مىڭ كىشى مۇھىت بۇلغىنىشى بىلەن ئۆلۈپ كېتىدۇ

دۇنيادا نوپۇسى ئەڭ زىچ دۆلەتلەردىن بىرى بولغان خىتايدا مۇھىت بۇلغىنىشىغا مۇناسىۋەتلىك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ھەر كۈنى 4 مىڭ ئادەمنىڭ ئۆلۈپ كېتىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

413965
خىتايدا ھەر كۈنى 4 مىڭ كىشى مۇھىت بۇلغىنىشى بىلەن ئۆلۈپ كېتىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە ئىشتاتىدىكى بېركېلى ئۇنىۋېرستېتى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىنى ئاساس قىلغان ھالدا ئېلان قىلغان تەتقىقات نەتىجىسىدە، ھەر يىلى 1 مىليون 600 مىڭ كىشىنىڭ مۇھىت بۇلغىنىشى سەۋەب بولىدىغان يۈرەك ۋە ئۆپكە كېسەللىكلىرى سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كېتىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.
تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي خەلقىنىڭ %38 ى ئامېرىكا مۇھىت قوغداش ئاگېنتلىقى «ساغلام ئەمەس» دەپ خۇلاسە چىقارغان مۇھىت بۇلغىنىشى ئاستىدا ياشايدىكەن.
خىتايدا ياش ۋاقتىدا ئۆلۈپ كېتىش ھادىسىلىرىنىڭ %16 نى مۇھىت بۇلغىنىشىنىڭ كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن تەتقىقات نەتىجىسى «پلوس ۋان» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنىدۇ.
يېشىل تىنچلىق مۇھىت تەشكىلاتىمۇ ئاپرېل ئېيىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، 2015 – يىلنىڭ دەسلەپكى ئۈچ ئېيىدا خىتايدىكى 360 شەھەرنىڭ ئۆلچەملىك ھاۋا سۈپىتىگە ئىگە ئەمەسلىكى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرغان ئىدى.
خىتايدا مۇھىت بۇلغىنىشى ئاگاھلاندۇرۇش سىستېمىسىدا، كۆك، سېرىق، قىزغۇچ سېرىق ۋە قىزىلدىن ئىبارەت تۆت رەڭ قوللىنىلىدۇ. 2022 – يىلى بېيجىڭدا قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى ئۆتكۈزۈشكە تەييارلىنىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتى، مۇھىت بۇلغىنىشى مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتۈپ، كۆمۈر يېقىش مىقدارىغا چەك قويدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر