جەنۇبىي كورېيەدە داڭلىق بىر فىلىم سوتقا چۈشۈپ قالدى

جەنۇبىي كورېيەدە كۆرۈش قېتىم سانى جەھەتتە رېكورت ياراتقان «سۈيىقەست» ناملىق فىلىم سوتقا چۈشۈپ قالدى.

325283
جەنۇبىي كورېيەدە داڭلىق بىر فىلىم سوتقا چۈشۈپ قالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جەنۇبىي كورېيەدە 9 مىليون كىشى كۆرگەن «سۇيىقەست»ناملىق فىلىم ئۈستىدە«ئەسەر ئوغرىلاش» دېلوسى تۇرغۇزۇلدى.
ياپونلار كورېيە يېرىم ئارىلىنى سىياسىي جەھەتتىن باشقۇرغان دەۋىرلەردە كورېيە ئازادلىق ئارمىيەسىدىن بىر قىز ئەسكەرنىڭ بىر ياپون گېنېرالىغا سۈيىقەست قىلىشىنى تېما قىلغان «سۈيىقەست»ناملىق فىلىم، جەنۇبىي كورىيەدە ناھايىتى كۆپ كۆرۈلدى.
بىراق 9 يېرىم مىليون كىشى كۆرگەن بۇ فىلىمنىڭ سىنارىيەسىنىڭ «ئوغرىلىغانلىقى» ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، سوتقا ئەرز قىلىندى.
جەنۇبىي كورېيەلىك رومانچى چوي جۇڭ رىم فىلىمنىڭ تېمىسىنىڭ ئۆز رومانى بولغان «كورېيە خاتىرىسى»دىن ئېلىنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ سوتقا ئەرز قىلدى.
ئايال سۈيىقەستچى پىكىرى بىلەن توي سەھنىلىرىنىڭ رومانىدىن ئېلىنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن چوي، فىلىم شىركىتى ئۈستىدىن سوتقا 10 مىليونلۇق تۆلەم داۋاسى ئاچقان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن فىلىمنىڭ كىنوخانىلاردا قويۇلۇشىنىڭ توختىتلىشىنى تەلەپ قىلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر