ئەسەد ئەسكەرلىرى 31 پۇقرانىڭ جېنىغا زامىن بولدى

دارايا ئاخبارات مەركىزىي ۋە خەلق قوغدىنىش ئەترەتلىرى ھۆكۈمەت ئەسكەرلىرىنىڭ قاتتىقلاشتۇرۇلغان بېنزىن بومبىسى ئىشلەتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

324398
ئەسەد ئەسكەرلىرى 31 پۇقرانىڭ جېنىغا زامىن بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:سۈرىيەدە ھۆكۈمەت ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن پايتەخت دەمەشق ئەتراپىدىكى دارايا رايونىغا قىلىنغان ۋارىل بومبا ھۇجۇمىدا 31 نەپەر پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلدى.
ھۇجۇمدا نۇرغۇن ساندا ئۆي ۋە دۇكانلارغا ئوت كەتتى.
دارايا ئاخبارات مەركىزىي ۋە خەلق قوغدىنىش ئەترەتلىرى ھۆكۈمەت ئەسكەرلىرىنىڭ قاتتىقلاشتۇرۇلغان بېنزىن بومبىسى ئىشلەتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
قوزغىلاڭچىلارنىڭ راكىتامىيۇت بىلەن قىلغان ھۇجۇمىدا 20 كىشى يارىدار بولدى.
بۇ ئارىلىقتا ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى زارىفنىڭ رەسمىي زىيارەت ئۈچۈن دەمەشققە يېتىپ كېلىشى مۆلچەرلەنمەكتە.
زارىف تېھران ھۆكۈمىتىنىڭ سۈرىيەدىكى كىرىزىسكە خاتىمە بېرىش ئۈچۈن تەييارلىغان «تىنچلىق پىلانى» ھەققىدە سۈرىيە مەسئۇللىرى بىلەن مۇزاكىرە ئۆتكۈزىدۇ.
ئىراننىڭ يېڭى تىنچلىق پىلانىدا مۇنداق 4 مۇھىم نۇقتا ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ.
كىرىسكە خاتىمە بېرىش ئۈچۈن ئىران بىرىنچىدىن دەرھال ئۇرۇش توختىتىش تەكلىپى سۇنىدۇ. ئىككىنچى قەدەمدە مەملىكەتلىك بىرلەشمە ھۆكۈمىتى قۇرۇلىدۇ، ئاندىن ئازسانلقىلارنىڭ قوغدىلىشى ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ ۋە تەكشۈرۈش ئاستىدىكى بىر ئومۇمىي سايلام ئۆتكۈزىلىدۇ.
سۈرىيە تاشقى ئىشلار مىنسىتىرى ۋەلىد مۇئەللىم ۋە رۇسىيە مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مىكائېل بوگدانوۋ تېھراندا پىلان ھەققىدە ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بارغان ئىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر