ئەسەدنىڭ بىر نەۋرە تۇغقىنى بىر ھەربىي ئەمەلدارنى ئېتىۋەتتى

بەشەر ەئەسەدنىڭ تاغىسىنىڭ ئوغلى سۇلايمان ئەسەد بىر ھەربىي ئەمەلدارنى كوچىدىلا ئېتىپ ئۆلتۈرۈۋەتتى.

322032
ئەسەدنىڭ بىر نەۋرە تۇغقىنى بىر ھەربىي ئەمەلدارنى ئېتىۋەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيەدە ئەسەد تەرەپدارلىرىنىڭ قەلئەسى بولغان لازقىيەدە بەششار ئەسەدنىڭ بىر نەۋرە تۇغقىنى سۇلايمان ئەسەد، قاتناش ئەسناسىدا جېدەللىشىپ قالغان بىر ھەربىي ئەمەلدارنى ئېتىپ ئۆلتۈرۈۋەتتى.
ھەربىي ئەمەلدارنىڭ بالا-چاقىلىرى ئالدىدا يۈز بەرگە بۇ ۋەقە خەلقنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىدى.
لازقىيەلىكلەر ئۆلتۈرۈلگەن ھەربىي ئەمەلدار ئۈچۈن شەھەر مەركىزىدە نامايىش ئۆتكۈزۈپ سۇلايمان ئەسەدنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىققا تارتىلىپ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىشىنى تەلەپ قىلشتى.
قاتتىق بېسىملاردىن كېيىن سۈرىيە ھاكىمىيىتى ئەسەدنىڭ تاغىسىنىڭ ئوغلى سۇلايمان ئەسەدنى قولغا ئالغانلىقلىرىنى ئۇقتۇردى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر