مېكسىكىدا ھەپتە ئاخىرى 15 چوڭ جىنايەت يۈز بەردى
مېكسىكىنىڭ گېررېرو ئۆلكىسىدە ھەپتە ئاخىرى ئارقا-ئارقىدىن 15 چوڭ جىنايەت يۈز بەردى.
321056
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مېكسىكىنىڭ گېررېرو ئۆلكىسىدە ھەپتە ئاخىرى 15 جىنايەت ۋەقەسى مەيدانغا كەلدى.
ئۆلتۈرۈلگەنلەر ئارىسىدا ئۆلكىدە يوقاپ كەتكەنلەرنى ئىزدەۋاتقان ۋە قانۇنسىسزلىقلارغا قارشى تۇرۇپ كېلىۋاتقان بىر ئاممىۋى تەشكىلاتنىڭ باشلىقىمۇ بار.
بۇ ئاممىۋى تەشكىلات باشلىقىنىڭ ساھىل شەھىرى ئاكاپۇلكونىڭ بىر چەت رايوندا ماشىنا ھەيداۋاتقاندا ئۆلتۈرۈلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
بۇ ئاممىۋى تەشكىلات ئۆتكەن يىللاردا يوقاپ كەتكەن 43 نەپەر پېداگوگىكا پاكۇلتىتى ئوقۇغۇچىسىنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلىش ئۈچۈنمۇ خىزمەت ئېلىپ بېرىۋاتاتتى.
مېكسىكىدا جىنايەت سادىر بولۇش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى بولغان ئۆلكىلەردىن بىرى بولغان گېررېرودا 2014-يىلدا 1514 جىنايەت يۈز بەردى. 2015-يىلى دەسلەپكى 7 ئايدا 943 جىنايەت ۋەقەسى سادىر بولدى.