خىتايدا سابىق گېنېرال ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىندى

باياناتتا گېنېرال گۈ جۈنشەننىڭ ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ ئېغىر دەرىجىدە پارىخورلۇق، خىيانەتچىلىك جىنايىتى سادىر قىلغانلىقى قەيت قىلىندى.

323016
خىتايدا سابىق گېنېرال ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خىتاي ھەربىي سوتىنى مەنبە كۆرسىتىپ بەرگەن خەۋىرىدە، خىتاي مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتى ئارقا سەپ بۆلۈمىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى ۋە ئۆز نۆۋىتىدە يەنە گېنېراللىق ئۇنۋانىغا ئىگە گۈ جۈنشەننىڭ ئىككى يىل كىچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىنىدىغان ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
باياناتتا، گۈ جۈنشەننىڭ ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ ئېغىر دەرىجىدە پارىخورلۇق، خىيانەتچىلىك جىنايىتى سادىر قىلغانلىقى قەيت قىلىندى.
سىياسىي ۋە كىشىلىك ھەق – ھوقۇقلىرىدىن مەھرۇم قىلىنغانلىقى، بارلىق مال - مۈلكىنىڭ مۇسادىرە قىلىنىشى بىلەن بىرگە، گېنېراللىق مەرتىۋىسىنىڭمۇ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 2012 – يىلى خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن بۇيان چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى باشلاپ، «پۈتۈن پارتىيەنىڭ ھەرىكەتكە ئۆتۈشى كېرەكلىكىنى ۋە چىرىكلىكنى پارتىيەنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قالالىشى يولىدىكى ئەڭ چوڭ تەھدىت» دەپ قارايدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.
شى جىنپىڭ يەنە، «چوڭ يولۋاسلار» دەپ ئاتىغان دۆلەتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىدىن تارتىپ «چىۋىنلەر» دەپ ئاتىغان تۆۋەن دەرىجىلىك بىيوكراتلارغىچە بولغان ھەممەيلەننىڭ چىرىكلىكتىن ئۇزاق تۇرۇشى لازىملىقىنى ۋە خىتايدا چوقۇم چىرىكلىكنى يىلتىزىدىن قۇرۇتۇپ تاشلىمىسا بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئىدى.
خىتايدا ھەربىي خىراجەتلەرنىڭ تېخىمۇ قاتتىق سۈرۈشتە قىلىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر