Google نىڭ ئىسمى ئۆزگەردى
Google شىركىتىنىڭ نامىنىڭ « Alphabet » غا ئۆزگەرگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
322678
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تېخنولوگىيە ساھەسىدىكى ئەڭ چوڭ شىركەتلەردىن بولغان Google شىركىتى، بۇنىڭدىن كېيىن بارلىق تىجارىي پائالىيەتلىرىنى « Alphabet » نامىدا قۇرغان يېڭى شىركەت دائىرىسىدە ئېلىپ بارىدىغانلىقلىرىنى ئۇقتۇردى.
« Alphabet » دائىرىسىدە ئېلىپەنىڭ بىر ھەرىپى سىمۋول قىلىنغان شىركەتلەر بار. مەسىلەن، گ ھەرىپى Google غا ۋەكىللىك قىلىدۇ. Calico, Fiber, X, Life Sciences, Nest بۇلاردىن بەزىلىرى ھېسابلىنىدۇ، Google بۇ شىركەتلەر ئىچىدە ئىزدەش، خەرىتىلەر، YouTube, Android ، ئېلانچىلىق ۋە پىروگراممىلارغا مەسئۇل شىركەت بولىدۇ.
Alphabet نىڭ ئىنتېرنېت تور بېتىنىڭ ئادىرىسى https://abc.xyz. قىلىپ بېكىتىلدى.
Google بۇلتۇر 14 مىليارد دوللاردىن كۆپ كىرىم قىلغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.