مالىدا كەلكۈن ئاپىتى يۈز بەردى
مالىنىڭ شەرقىي شىمالىدا كەلكۈن ئاپىتى يۈز بېرىپ 5 ئادەم ئۆلدى.
320717
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مالىنىڭ شەرقىي شىمالىدا شىددەتلىك ھۆل-يىغىن ۋە كەلكۈن ئاپىتى يۈز بېرىپ 5 ئادەم ئۆلدى.
ئاپەت رايونىدا ئۆي-ماكانلىرى سۇ ئاستىدا قالغان ئاھالىلەر تارقاقلاشتۇرۇلدى. بولۇپمۇ مېناكا ناھىيەسىدە ئېغىر زىيانلار كۆرۈلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
كەلكۈندىن ھاسىل بولغان لاي سۇلار پاكىز سۇ قۇدۇقلىرىغا ئارىلىشىپ كەتكەنلىكتىن، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ يامراپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلىنماقتا.