دائېش سۈرىيەدە 37 ئۆكتىچىنى ئۆلتۈردى

دائېش مىلىتانلىرى سۈرىيەنىڭ ھالەپ رايونىغا يېقىن جايلاردا ئۆكتىچىلەرگە ھۇجۇم قوزغاپ 37 ئۆكتىچىنى ئۆلتۈردى.

320719
دائېش سۈرىيەدە 37 ئۆكتىچىنى ئۆلتۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيەنىڭ ھالەپ رايونىغا يېقىن جايلاردا ئۆكتىچىلەرگە قىلىنغان ھۇجۇملاردا 20دەك ئۆكتىچى يوقاپ كەتكەن.
سۈرىيەلىك ئۆكتىچىلەرنىڭ ئاۋازى ھېسابلىنىدىغان سۈرىيە كۆزىتىش مەركىزىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دائېش مىلىتانلىرى ھالەپنىڭ شىمالىدىكى ئۇمم ھۇش يېزىسىدا ئادەم بومبا ھۇجۇمى يۈز بەرگەن.
شىددەتلىك توقۇنۇشلاردىن كېيىن يېزىنى تارتىپ ئالغان دائېش مىلىتانلىرى، 37 ئۆكتىچىنى ئۆلتۈرگەن. يېزىدىكى 20دەك ئۆكتىچى يوقاپ كەتكەن.
دائېش مىلىتانلىرى ئۆكتىچىلەرنىڭ قولىدىكى باشقا 3 يېزىنىمۇ تارتىپ ئېلىش ئۈچۈن ھۇجۇم قوزغىماقتا. ئۆكتىچىلەر شاھل ئەل غاب تۈزلەڭلىكلىرىدىمۇ ئەسەد قىسىملىرى بىلەن توقۇنۇشماقتا.
لازقىيەگە قوشنا بولغان بۇ رايوندا نۇرغۇن يېزا ئۆكتىچىلەرنىڭ قولىغا ئۆتتى. ئۆكتىچىلەر جۇرىن رايونىنىمۇ قولغا كىرگۈزگەن تەقدىردە، لازقىيەنىڭ تاغلىق رايونلىرىغا يېتىپ بارغان بولىدۇ.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر