ياپونىيە ئاتوم بومبىسى ھۇجۇمىنىڭ 70-يىللىقىنى خاتىرىلىدى
ياپونىيەنىڭ ناگاساكى رايونىدا ئاتوم بومبىسى ئېتىلغانلىقىنىڭ 70-يىللىقىنى خاتىرلەندى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياپونىيە ناگاساكىغا ئاتوم بومبىسى ئېتىلغانلىقىنىڭ 70-يىللىقىنى خاتىرىلىدى.
ئاتوم بومبىسى ئېتىلغان رايوندىكى مەملىكەتلىك تىنچلىق باغچىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىملارغا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ياپونىيە ئەلچىسى بولۇپ 75 ئەلچى ئىشتىراك قىلدى.
بومبا ئېتىلغان ۋاقىتتا زىل چېلىندى، پائالىيەتكە ئىشتىراك قىلغۇچىلار بىر مىنۇتلۇق ھۆرمەتتە تۇردى. ئاتوم بومبىسى ھۇجۇمىدىن ساق-سالامەت قۇتۇلۇپ قالغانلارغا ۋاكالىتەن سۆز قىلغان بىر ۋەكىل، يادور قوراللىرىنىڭ تامامەن ۋەيران قىلىنىشىنى تەلەپ قىلىپ، ياپونىيە باش مىنىستىرى شىنزو ئابېنىڭ يېڭى مۇداپىئە سىياسىتىنى تەنقىد قىلدى.
86 ياشلىق سۇمىتېرۇ تانىگۇچى شىنزو ئابې ھۆكۈمىتىنىڭ يېڭى مۇداپىئە مودېلىنى ناگاساكىلىقلارنىڭ تەلىپى ۋە نارازىلىقىغا قارىماي ماقۇللىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇ ئەھۋالنىڭ ئۇرۇش ئېھتىمالىقىنى ئاشۇرغانلىقىنى قەيت قىلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
پۇتىن ئەتە قەسەم بېرىپ، يېڭى ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىنى باشلايدۇ
رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن ئەتە (7- مايدا) قەسەم بېرىپ، يېڭى ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىنى باشلايدۇ.