دائېشقا قارشى 19 قېتىم ھاۋادىن ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىلدى

ئىتتىپاقداش قىسىملار سۈرىيە ۋە ئىراقتىكى دائېشنىڭ بازىلىرىغا 19 قېتىم ھاۋادىن ھەرىكەت ئېلىپ باردى.

319220
دائېشقا قارشى 19 قېتىم ھاۋادىن ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى ئىتتىپاقداش قىسىملار سۈرىيە بىلەن ئىراقتىكى دائېش بازىلىرىغا 19 قېتىم ھاۋادىن ھۇجۇم قىلدى.
9ى سۈرىيە، 10ى ئىراقتىكى بازىلىرى نىشانغا ئېلىنغان ھۇجۇملاردا تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ئارقا سەپ لىنىيەلىرى ئېغىر زىيانغا ئۇچرىدى.
دائېش ھۇمۇستىكى كارياتېيىن ناھىيەسىنى تارتىۋالغاندىن كېيىن، ئەمدى سەدات ناھىيەسىگە قاراپ ئىلگىرىلىمەكتە.
ناھىيەدىكى خىرىستىيانلار دائېش مىلىتانلىرىنىڭ قەتلىئام ئېلىپ بېرىشىدىن ئەندىشە قىلىپ، ھۇمۇس مەركىزىگە قاراپ قاچماقتا.
دائېش كارياتېيىن ناھىيەسىنى تارتىۋالغاندا 60ى خىرىستىيان بولۇپ 230 ئادەمنى ئېلىپ قاچقانىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر