شىمالىي كورېيەدە سائەت 30 مىنۇت كەينىگە ئېلىنىدۇ

شىمالىي كورېيە خەۋەر ئاگېنتلىقى «ياپونىيە ئىمپېرىيالىزمىدىن قۇتۇلغانلىقنى سىمۋوللاشتۇرۇش ئۈچۈن» كونا ۋاقىت ئۆلچىمىگە قايتىش قارارىنىڭ ئېلىنغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

318214
شىمالىي كورېيەدە سائەت 30 مىنۇت كەينىگە ئېلىنىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي كورېيەنىڭ سائەتنى 30 مىنۇتنى كەينىگە ئېلىش قارارى 2 – دۇنيا ئۇرۇشىدا ياپونىيەنىڭ تەسلىم بولغان كۈنى بولغان 15 – ئاۋغۇستتا ئىجرا قىلىنىدۇ. بۇنداق بولغاندا، شىمالىي كورېيە بىلەن جەنۇبىي كورېيە ئارىسىدا يېرىم سائەت ۋاقىت پەرقى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. شىمالىي كورېيەنىڭ يېڭى ۋاقىتنى قوللىنىشى ئىككى دۆلەت شېرىكچىلكىدە قۇرۇلغان شىمالىي كورېيەدىكى كاۋسڭو زاۋۇتىدا بەزى ئۆزگىرىشلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەب بولۇشى مۇمكىن.
1910 – يىلى كورېيە يېرىم ئارىلىنىڭ ياپونىيە تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنىشى بىلەن، ئوخشاش ۋاقىت ئۆلچىمى قوللىنىلدى. 1953 – يىلى ئاخىرلاشقان كورېيە ئۇرۇشىدىن كېيىن، ئىككى دۆلەت ئارىسىدا تىنچلىق كېلىشىمى ئىمزالاندى. جەنۇبىي كورېيەمۇ 1954 – ۋە 1961 – يىلى سائەتنى 30 مىنۇت ئارقىغا سۈرۈپ كونا ۋاقىتنى قوللانغان ئىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر